پىچان  ناھىيىسىنىڭ  ئامما  پاش  قىلغان  مۇشتۇمزورلار،  رەزىل  كۈچلەرنى  يۇقىتىشقا  مۇناسىۋەتلىك  يىپ  ئۇچلىرىغا  قارىتا  مۇكاپاتلاشنى  يولغا  قۇيۇش  چارىسى  ئېلانى  

 2019-04-13    鄯善县纪检委


بىرىنچى، پاش قىلىش دائىرىسى

(بىرىنچى) مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەرنى پاش قىلىش دائىرىسى

1. سىياسىي بىخەتەرلىككە، بۇلۇپمۇ سىياسىي ھۇقوق، سىياسىي تۈزۈم  بىخەتەرلىكىگە، شۇنداقلا سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرگەن مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر ؛

2. ئاساسىي قاتلام ھۇقوقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، ئاساسىي قاتلام سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، كەنىتلەرنىڭ بايلىقىنى مونوپۇل قىلىۋالغان، كوللىكتىپ بايلىق مەنبەسىنى يۈتىۋالغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر ؛

3. ئائىلە، جەمەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ يۇرتىدا زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلىپ، خۇجا بۇلىۋىلىپ خەلقنى ئەزگەن «كەنت زومىگىرى » قاتارلىق مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر ؛

4. يەر ئېلىش، يەر ئىجارە ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، قۇرلۇش تۈرلىرى جەريانىدا، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ چاتاق چىقارغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر ؛

5. بىناكارلىق قۇرۇلىشى، قاتناش تىرانسىپورت، كان بايلىقى، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسپ ساھەلەردىكى، قۇرۇلۇشنى ئىگەللىۋالغان، يامان غەرەزدە باھا تالىشىشقا قاتناشقان، قانونسىز يەر ئىگەللىۋالغان، قانونسىز كان ئاچقان ۋە قازغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر ؛

6. سودا بازىرى، توپ تارقىتىش بازىرى، بېكەتلەردە مال تۇشۇش، ساياھەت نۇقتىلىرىدا ،ساياھەت قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا بازارنى مەجبورىي ئىگەللىۋالىدىغان، مەجبورىي ئېلىپ ساتىدىغان، ئاتالمىش قوغداش ھەققى يېغىدىغان، شەھەر-بازار زومىگىرى ۋە كەسپىي زومىگەر قاتارلىق مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر؛

7. « شەھۋانىي، قىمار، زەھەر» قاتارلىق قانونسىز قىلمىشلار بىلەن شوغۇللانغان ۋە تەشكىللەپ باشقۇرغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر؛

8. قانونسىز يۇقىرى ئۈسۈملۈك قەرز تارقاتقان، زورلۇق بىلەن قەرز سۈيلىگەن مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر؛

9. خەلق ئارىسىدىكى جىدەل ماجرالارغا نىسبەتەن «قانونسىز يەر ئاستى قانون ئىجرا قىلغۇچىلار ئەترىتى» بولغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر؛

10. ئېنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ئادەم توپلاپ، تەشكىللەپ ياكى ياللاپ ئېنتىرنت توردا يامان تەسىرلىك ئۇچۇر تارقىتىپ، تەھدىت سالغان، قورقۇتقان، ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت قىلغان، ئۆكتەملىك قىلغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر؛

11. چىگرا سېرتىدىكى قارا جەمئىيەت چىگرا ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن ياكى دۆلەت ھالقىغان مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەر؛

(ئېككىنچى) مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلىكى» نى پاش قىلىش دائىرسى

1. پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام ھاكىميىتىنى چاڭگىلىغا ئېلۋالغان، ئاساسىي قاتلام سايلىمىنى كونتىرول قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلغان مەسىللىرى؛

2. پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق يېزا بايلىقىنى مونوپول قىلۋالغان، كوللىكتىپ مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ قىلۋالغان مەسىللىرى؛

3. پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ كۈچى، دىننى تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ، يۇرتىدا زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلغان، خۇجا بۇلىۋىلىپ خەلىقنى ئەزگەن مەسىللىرى؛

4. پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن يەر ئېلىش، يەر ئىجارە ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، قۇرلۇش تۈرلىرى جەريانىدا، قارا-رەزىل كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ جىدەل چىقىرىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىللىرى؛

5. پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن سىياسىي بىخەتەرلىككە تەھدىت ئىلىپ كىلىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىميىتىنى چاڭگىلىغا ئېلۋالغان، ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ كۈچى، دىننى تەسىر كۈچتىن پايدىلىنىپ، يۇرتىدا زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلغان، خۇجا بۇلىۋىلىپ، ئاممىنى جىدەل چىقىرىشقا كۈشكۈرتۈپ، قۇرۇلۇشنى ئىگەللىۋالغان،  ئۆكتەملىك بىلەن بازارنى ئىگەللىۋالغان، شەھۋانىي مەزموندىكى بۇيۇم، قىمار ئويناش، زەھەر سېتىش قىلمىشلىرىغا يول قويغان، قانونسىز يۇقىرى ئۈسۈملۈك قەرز تارقاتقان، ئامما ئارىسىدىكى جىدەل ماجرالارغا قول تىققان، چىگرا ئاتلاپ چىقىپ كەتكەن قاتارلىق 11 تۈرلۈك مۇشتۇمزورلار، رەزىل كۈچلەرنى، ھەتتا پارا ئېلىپ ياكى مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەر ئاچقان شېركەت، كان-كارخانىلارغا پاي قوشۇپ پايدا ئالغان، ھۇقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلىكى» بۇلۇپ، مەيلىگە قۇيۇپ بەرگەن، قانات ئاستىغا ئالغان مەسىىللىرى؛

6. ئالاقىدار فۇنكىسيىلىك تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىللەرنى تۈزەشتە سىياسىي ھۇشيارلىقى تۆۋەن، خەتەرنى تۇنۇشى يىتەرسىز، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى يۇقىتىش مەخسۇس خىزمىتنى تەشكىللىشى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىللىرى؛

.7 ئالاقىدار فۇنكىسيىلىك تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق ۋە يانتاياق بولغان مەسىللەرگە زەربە بېرىشنى خالىماسلىق، زەربە بېرىشتىن قورقۇش، يالغان زەربە بېرىش، قاتتىق زەربە بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىللىرى؛

8. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چىچىلاڭغۇ، ھەتتا چىرىكىلىك مەسىللىرى، مۇناسىۋەتلىك فونكىسىيىلىك تارماقلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەخسۇس تۈزەش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرىشى يىتەرلىك بولماي، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ يامراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىللىرى؛

.9 ئالاقىدار فۇنكىسيىلىك تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەر ۋە چىرىكلەشكىلى ئۇزۇن بولغان، چوڭقۇر بىرلىشىپ كەتكەن دېلولار ۋە نامراتلارنى يۈلەش ساھەسىدىكى مۇشتۇمزورلۇق، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرمىگەن، نازارەت قىلىپ تەكشۈرمىگەن، ئالدىن بىجىرمىگەن، چوڭقۇر تەكشۈرمىگەن مەسىللىرى؛

10. ئالاقىدار فۇنكىسيىلىك تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ئومومىي ھوقوق يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى يۇقىتىش مەخسۇس كۆرىشىدە بايقاشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى بايقىمىغان، بايقالغان مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلمىغان، دوكلات قىلمىغان، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بەرمىگەن مەسىللىرى.

ئېككىنچى، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسى

(بىرىنچى) مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش كونكېرت دائىرىسى

1. ئېنتىزام، ج خ ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار بايقىمىغان ياكى ئىگەللىمىگەن مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت يىپ ئۇچلىرى؛

2. ئاللىبۇرۇن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىلىۋاتقان مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەر دېلولىرىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرى سادىر قىلغان، لېكىن ج خ ئورۇنلىرى تېخى بايقىمىغان ياكى  ئىگەللىمىگەن جىنايى قىلمىشلېرى؛

3. ج خ ئورۇنلىرى قوغلاپ تۇتماقچى بۇلىۋاتقان مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەر جىنايەت شايكىسىدىكى مەلوم جىنايەت گۇماندارىنىڭ يۇشۇرۇنۋالغان كونكىرت ئورنى ياكى پائالىيەت ئىزى؛

4. ئېنتىزام، ج خ ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تەھقىقلەۋاتقان مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەر دېلولىرىدا قىممىتى بار ئۈنۈملۈك دەلېل-ئىسپاتلار؛

(ئېككىنچى) تۈۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى مۇكاپاتلاش دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس:

1. ئېنتىزام، ج خ ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار ئېنىقلاپ بولغان ياكى تەھقىقلەۋاتقان بولسا؛

2. جىنايەت گۇماندارلىرى، قاماقتىكىلەر، جىنايى جازا ئۈتەۋاتقانلار پاش قىلغان بولسا؛

3. دۆلەت ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت مەسئولىيەت دائىرىسى ئىچىدە بىلىۋالغان، ياكى ئالدىنقى تارماقتا دىيىلگەن كىشىلەر تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بولسا؛

4. ئالاھىدە مەجبورىيىتى بار بولغان كىشىلەر پاش قىلغان بولسا؛

5. باشقا مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئەھۋاللار بولسا.

ئۈچىنچى، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى

1. قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان جىنايەت شايكىسىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بۇلۇپ دېلو بىۋاستە پاش بولسا، جىنايەت گۇماندارى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن  قولغا ئېلىنىپ، ھەمدە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلارنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايەت نامى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلىسە، 3 تۈمەن يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

2. رەزىل كۈچلەرگە جىنايەت شايكىسىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بۇلۇپ دېلو بىۋاستە پاش بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكىمى چىقارغاندىن كىيىن،  1 تۈمەن يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

3. يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسە ھەمدە ج خ ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان جىنايەت شايكىسى دېلولىرىدىكى تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى، ئاساسلىق خادىملىرىنى تۇتۇشۇپ بەرسە، 5000 يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەتتىكى خادىملىرى تۇتۇلسا 1000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

4. يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسە ھەمدە ج خ ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ رەزىل كۈچلەرگە مۇناىسۋەتلىك جىنايەت شايكىسى دېلولىرىدىكى تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى، ئاساسلىق خادىملىرىنى تۇتۇشۇپ بەرسە، 3000 يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئادەتتىكى خادىملىرى تۇتۇلسا، 1000 يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

5. ج خ ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن، رەزىللىككە چېتىشلىق دائىم كۆرىلىدىغان ھەرخىل جىنايەت ناملىرى بىلەن ئەيىپلەنسە، 2000 يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئادەتتىكى سېرىق مەزموندىكى، قىمار، زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرى بولسا، 1000 يۈەن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

6. ج خ ئورگانلىرى تەمىنلەنگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئادەتتىكى خادىملىرى تۇتۇلسا، ئەھۋالغا قاراپ 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

7. ج خ ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، زوراۋان، تېرورلۇق جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى بولسا، « شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ ئامما پاش قىلغان زوراۋان-تېرۇرلۇققا ئائىت جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى مۇكاپاتلاش چارىسى» دىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ؛

8. خەلق ئاممىسى ئېنتىزام، ج خ ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ پاش قىلغان مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلىكى» قىزىپ چىقىرىلغان يىپ ئۇچلىرىدا، تەمىنلىگۈچىنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ چىنلىقى، مۇھىملىقىغا قارىتا، پاش قىلغۇچىغا 5000 يۈەندىن 5 تۈمەن يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلدۇ.  

تۆتىنچى. مەسئولىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش

1.پاش قىلغۇچى ئويدۇرمىچىلىق قىلماسلىقى، ھەقىقەتنى بۇرمىلىماسلىقى، تۆھمەت قىلماسلىقى، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقى كېرەك. پاش قىلغۇچى ئويدۇرمىچىلىق قىلىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، تۆھمەت قىلىپ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش سەۋەبىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرسە قانون بويىچە مەسئولىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

.2 يىپ ئۇچىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئورگان مەخپىيەتلىكىنى قەتئى ساقلىشى، ھەرقانداق شەكىل ئارقىلىق پاش قىلغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، ئىدارىسى، تىلىفون نومۇرى قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلېرىنى ئاشكارلىماسلىقى كېرەك. ئۇچۇرنى ئاشكارلاپ قويغۇچىلار، پاش قىلغۇچىغا زەربە بىرىپ ئۆچ ئالغانلار «ئېككى يۈزلىمىچى» قاتارىدا مۇئامىلە قېلىنىپ قانون بويىچە مەسئولىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

بەشىنچى. پاش قىلىش ئۇسۇلى

 مەملىكەت بۇيىچە  مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى يۇقىتىش كۈرىشىدىكى پاش قىلىش تور بېكىتى: www.12389 .gov.cn

پاش قىلىش  تېلفون نۇمىرى: 123890995-

مەملىكەتلىك ئىنتىزام رېۋىزىيە كومىتىتى ئەرىز-شىكايەت قىلىش پاش قىلىش تېلفون نۇمىرى:12388

ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە  كومىتىتى ئەرىز-شىكايەت قىلىش تور بېكىتى:gov.cn/tulufan /shanshanxianhttps//xinjiang.12388.

ناھىيىلىك مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ تېلفون نۇمىرى: 0995-6282862 ، 13565585186

ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تېلفون نۇمىرى 0995-8367092، 13899323999:

پىچان ناھىيىلىك ئېنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە كومېتىتىنىڭ پارتىيە ئېستىلى پاكلىقنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تېلفون نۇمىرى 0995-8387608:

ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە كومىتىتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ تىلفۇن نومۇرى ،0995-8385523: 13699926498

بۇ ئېلان تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قېلىندى.

 

ج ك پ پىچان ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە كومىتىتى 

پىچان ناھىيىلىك مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە مەخسۇس زەربە بېرىشكە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى

-2019 يىلى   2- ئاينىڭ    6- كۈنى

[责任编辑:鄯善县]
新 浪 搜 狐 百 度 腾 讯 网 易 凤凰网 新华网 人民网 央 视 网 光明网
中国政府网 大河报 华商报 东方财富网 南方周末 南风窗 千龙网 南方网 和瑞财经 中 新 网
中国经济网 星岛环球网 法制日报 中国青年报 MSN中文网 北青网 联合早报  TOM新闻 21CN新闻 环球时报
昆 仑 网 天 山 网 自治区人民政府 亚 心 网 新疆日报网 新丝路 信息田园 吐鲁番网 吐鲁番政府网 吐鲁番就业服务网
精选链接
主办单位:中共鄯善县委员会组织部
承办单位:鄯善县党员干部现代远程教育管理中心
通讯地址:鄯善县新城路2956号县委三楼
ICP备案号:新ICP备08000276号-1
网站联系电话:0995-8383328      邮箱地址:ssdydj@163.com